گۇئانتانامودىكى مالايشىيالىق مەھبۇسلارنى مالايشىيا ئۆزى قوبۇل قىلماقچى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما گۇئانتانامو تۈرمىسىنى تاقاش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغاندىن كېيىن، مالايشىيا باش مىنىستىرى ئەخمەت باداۋى، ھازىر گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان مالايسىيالىق تېررورىزم گۇماندارلىرىنى مالايشىيا ئۆزى قوبۇل قىلىدۇ، دەپ جاكارلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.01.24

ئامېرىكا ئاۋازنىڭ بايان قىلىشىچە، مالايشىيا باش مىنىستىرى بۇ باياناتىنى بۈگۈن ئەرەب خەلىپىلىكىنىڭ دۇبەي شەھىرىدە مۇخبىرلارغا ئاشكارىلىغان. ئۇ باياناتىدا، ئەگەر ئامېرىكا قوشۇلسا، ھازىرغىچە گۇئانتانامو تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نەپەر مالايشىيا پۇقراسى ئۆز يۇرتىغا قايتۇرۇپ كېلىنىدۇ، ئەگەر زۆرۈر تېپىلسا، بۇ كىشىلەرگە مالايشىيا ئۆزى نازارەت قىلىدۇ، دېگەن.

كۋالالومپۇر ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، گۇئانتانامودا تۇرۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئىككى نەپەر مالايشىيا پۇقراسىنىڭ بىرى موھت فارىق ئەمىن، يەنە بىرى مۇھەممەد نەزەر لەپ.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.