خىتاي دائىرىلىرى كۇچا ناھىيىسىنى «دۆلەتنىڭ تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى » تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى

تەڭرىتاغ تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دۆلەت كابىنېتى يېقىندا كۇچا ناھىيىسىنى «دۆلەتنىڭ تارىخى مەدەنىيەت شەھىرى» قاتارىغا كىرگۈزۈش تەكلىپىنى تەستىقلىغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان ئۇقتۇرۇشتا، كۇچا ناھىيىسى تارىخى ئۇزاق، مەدەنىيىتى مول، تارىخى ئىزنالار ۋە ئەنئەنىۋى قىياپەت مۇكەممەل ساقلىنىپ قالغان شەھەر دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا شەھەرنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ قېلىش دەيدىغان بىر سۆز تىلغا ئېلىنمىغان. ئەكسىچە ئۇنىڭدا «يەرلىك ھۆكۈمەتلەر مۇشۇ تەستىققا ئاساسەن، شەھەر قۇرۇلۇشى قىلغاندا مىللىي مەدەنىيەت خاسلىقى ۋە يەرلىك ئەنئەنە قىياپىتىنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەك» دېيىلگەن.

ئۇقتۇرۇشتا يەنە، كۇچا ناھىيىسىدە تارىخى مەدەنىيەت كوچىسى، مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش ئورنى، تارىخى ئىمارەتلەرنى قوغداش بەلۋېغىنى بەرپا قىلىشى كېرەك، دېيىلگەن. دائىرىلەرنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزلىرى ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرىنىڭ كۇچا شەھىرىنى ئۆزگەرتىپ ياساش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنىڭ بېشارىتى، دەپ قارالماقتا.

خىتاي دائىرىلىرى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى مول تارىخى ئىزنالارنى ب د ت غەيرىي مەدەنىي يادىكارلىقلارنى قوغداش تەشكىلاتى UNESCO نىڭ چاقىرىقلىرىغا قارىماي، چېقىپ-تۈزلىگەندىن كېيىن، ساياھەتچىلەر ئۈچۈن مەخسۇس تارىخى مەدەنىيەت كوچىلىرىغا ئوخشاش ساياھەت ئورۇنلىرىنى ياساپ چىققان ۋە ئۇنى «مەدەنىيەت ساياھەتچىلىكىنىڭ بۆشۈكى» دەپ ئېلان قىلغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت