مېدۋېدىف ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتىدۇ

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف كانادادا ئېچىلىدىغان 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىشتىن بۇرۇن، ھازىر ئامېرىكىنى زىيارەت قىلماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

پرېزىدېنت مېدۋېدىف، تۈنۈگۈن ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىدىكى 'سىلىكان جىلغىسى' دەپ ئاتىلىدىغان پەن - تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنى زىيارەت قىلغاندا، رۇسىيە ئىقتىسادىنىڭ ئامېرىكىچە پەن - تېخنىكا ۋە يېڭىلىق يارىتىش نىشانى بۇيىچە زامانىۋىلاشتۇرۇلۇش تەجرىبىسىنى تونۇشتۇردى.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى مېدۋېدىف ئەتە ۋاشىنگتوندا ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا سودا ۋە مەبلەغ سېلىش جەھەتلەردە كېڭەيتىدىغان ھەمكارلىق تۈرلىرىنى مۇزاكىرە قىلىدۇ.

تولۇق بەت