باغلىرى مەجبۇرىي سېتىۋېلىنغان تۇرپانيۈزى دېھقانلىرى ئەرز قىلماقتا

غۇلجا ناھىيىسىنىڭ تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، بۇلتۇر ھەم ئالدىنقى يىللىرى يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ مەجبۇرلىشى نەتىجىسىدە، ئۆز باغلىرىنى بېيجىڭ چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى 15 ئائىلىلىك دېھقان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئەرزىيەت ئىشخانىسىغا كوللېكتىپ ئەرز قىلغان.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011-01-27
Share

ئۇلار ئۆز ئەرزلىرىدە يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى ئەرزان باھادا خىتاي شىركەتلىرىگە سېتىپ بېرىش ئارقىلىق، ئوتتۇرىدىن نەپ ئالغانلىقىنى ئەرز قىلغان.

تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىككى يىل ئىلگىرى چىڭخۇا شىركىتى تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى باغلارنى سېتىۋېلىپ، بۇ جايدا ئىستىراھەت باغچىسى ھەم مېھمانخانا قۇرماقچى بولغىنىدا، تۇرپانيۈزى يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ قاتتىق نارازىلىقىغا دۇچ كەلگەن. ئەمما، يېزىلىق ھەم ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارغا قايتا-قايتا بېسىم قىلىشى نەتىجىسىدە، بەزى دېھقانلار باغلىرىنى ئەرزان باھادا چىڭخۇا شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان.

ئىلگىرى، تۇرپانيۈزى دېھقانلىرىنىڭ باغلىرىنى خىتاي شىركىتىگە سېتىپ بېرىشكە نارازى بولغانلىقى ھەم بېغىنى سېتىشنى رەت قىلغان نۇرى ئىسىملىك دېھقاننىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش جەريانىدا قاتتىق خاپىلىق سەۋەبىدىن كېسەل بولۇپ، تۇيۇقسىز ۋاپات بولغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئېلان قىلىنغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت