ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى چەت رايونلاردىكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلغان
2012.03.26
خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مائارىپ نازارىتىنىڭ ئىلگىرى يولغا قويغان ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىپ، مەركەزلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سىياسىتىدە مەسىلە كۆرۈلگەن. چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە زىيالىيلىرى ئىلگىرى مائارىپ نازارىتىنىڭ مەزكۇر سىياسىتىنى تەنقىدلەپ، نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى بىر مەكتەپكە يىغىۋېلىشتەك بۇ خىل تۈزۈمنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا ئوخشاتقان ئىدى.
«شىنجاڭ ئاستانە» گېزىتىنىڭ يەكشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، قاتناش قۇلايسىز يېزا-قىشلاق ۋە رايونلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ بىكار قىلىنىپ، ئۆز-ئارا قوشۇۋېتىلىشى دېھقان-چارۋىچى پەرزەنتلىرىگە زور قۇلايسىزلىقلارنى پەيدا قىلغان. مائارىپ نازارىتى، بۇ سىياسەت بەزى رايونلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىدىن چەتنەپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. چەتئەلدىكى زىيالىيلار مائارىپ دائىرىلىرىنىڭ نۇرغۇن ئوقۇغۇچىنى بازار ياكى ناھىيىلىك باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە يىغىۋېلىپ، ئۇيغۇر مائارىپ ساپاسىغا ئىلگىرىلەپ بۇزغۇنچىلىق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن ئىدى.
چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى بىر نۇقتىغا يىغىۋېلىپ، ئۇلارنى كونترول قىلماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق مائارىپ نازارىتىنىڭ «يېزا-كەنتلەردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپلەرنى ئىلگىرىلەپ سەرخىللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇش» ناملىق ھۆججىتىدە جايلاردىن مەكتەپلەر قوشۇۋېتىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كېلىش، دەرسكە قاتنىشىشىغا تەسىر قىلغان، بىخەتەرلىك شەرت شارائىتى ئۆلچەمگە توشمايدىغان ياكى قاتناش قۇلايسىز بولغان رايونلاردا ئەسلىدىكى مەكتەپ ۋە ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنى تەلەپ قىلىنغان.