رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترى مېدۋېدېۋ ئوباما بىلەن ئۇچراشتى

رۇسىيە پرېزىدېنتى دېمىترى مېدۋېدېۋ بۈگۈن ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن ۋاشىنگتوندا ئۇچراشتى. بۇ مېدۋېدېۋنىڭ پرېزىدېنت بولغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم ئامېرىكىدا رەسمىي زىيارەتتە بولۇشى ھېسابلىنىدۇ.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئىككى پرېزىدېنت ئۇچرىشىشتا ئىككى دۆلەت ئارىسىدىكى تىجارىي مۇناسىۋەتلەر، ئەقلىي مۈلۈك ھوقۇقى، ئىران ۋە شىمالىي كورىيىنىڭ يادرو مەسىلىسى قاتارلىق تېمىلاردا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ب ب س نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ياخشىلاشقا تىرىشماقتا. ئىككى دۆلەت بۇ يىل 4 - ئايدا يادرو قوراللىرىنى قىسقارتىش ھەققىدە ئورتاق قارار ئالغان. رۇسىيە ئامېرىكىنىڭ ئىرانغا قارىتا جازا تەدبىر قوللىنىش تەلىپىنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە قوللىغان ئىدى.

ئىككى پرېزىدېنت ئۇچرىشىشتىن كېيىن ئورتاق بايانات بېرىش يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇدىكەن.

تولۇق بەت