خىتاي، ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر ئوقۇغۇچىلارغا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيىسىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2008.12.17

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ھازىر دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن بۇ خىزمەتنى يېتەكچى ئورۇنغا قويۇشنى، بۇنداق تەربىيىنى ئوقۇغۇچىلاردىن باشلاپ يولغا قويۇشنى پىلانلىغان.

رويترىس ئاگېنتلىقى، بىرلەشمە ئاگېنتلىقى قاتارلىق ئۇچۇر ۋاستىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھازىر بۇنداق سىياسەتنى قوللىنىش ئۈچۈن جىددىي ھەرىكەت قىلىشىغا 1994‏ - يىلىدىن باشلاپ تىبەت، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا يەرلىك خەلقلەرنىڭ مىللىي كەيپىياتى يۇقىرى ئۆرلەپ تۇراقسىزلىق كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى، بۇنداق مىللىي كەيپىياتلارنىڭ پەيدىن - پەي خەلقئارالىشىۋاتقانلىقى سەۋەبچى بولماقتا.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.