خىتايدىكى مىللىي چېلىشىش مۇسابىقىسىدە ئۇيغۇر چېلىشچىلار ئۈچ تۈردە چېمپىيون بولدى

خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە ئۈچ نەپەر ئۇيغۇر چېلىشچى چېمپىيون بولدى.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2011.09.13

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 12-سېنتەبىردىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ ھەپتە خىتايدا ئۆتكۈزۈلگەن 9-نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى 7 خىل چېلىشىش تۈرىدە ئۇيغۇر چېلىشچىلىرىدىن ئابلاجان مامۇت، ئابدۇغېنى موللا، تۇرسۇن توختى مەمەت قاتارلىق چېلىشىش ماھىرلىرى 3 تۈر بويىچە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن.

بۇ قېتىم ئەڭ كۆپ ئالتۇن مېدالنى ئۇيغۇر تەنھەرىكەت ماھىرلىرى قولغا كەلتۈرگەن.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ خىتاي ئىچى ھەم خەلقئارا سەھنىلەردىكى نەتىجىسى بارغانچە گەۋدىلەنمەكتە. ئۇيغۇر ماھىرلىرى ئەنئەنىۋى مىللىي تەنھەرىكەت تۈرلىرى بولغان دارۋازلىقتىن باشقا يەنە بوكسىيورلۇق، چېلىشىش، پۇتبول قاتارلىق تەنھەرىكەت تۈرلىرىدىمۇ خەلقئارا مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىپ نەتىجىلەرگە ئېرىشىپ كەلمەكتە.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەگەر ئۇيغۇرلارغا تەنھەرىكەت تۈرلىرىدە راۋاجلىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىلگىنىدە، ئۇيغۇر تەنھەرىكەتچىلىرى دۇنياغا يۈزلىنىپ، خەلقئارا سەھنىلەردە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشىش پۇرسىتىمۇ تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.