موڭغۇلىيىدە ئۇيغۇرلارغا ئائىت تۇنجى تام سۈرەتلىك قەبرە بايقالدى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﯚﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.01.08
2009.01.08
تام سۈرەت 3 مېتىر 30 سانتىمېتىر كەڭلىكتە ۋە 70 سانتىمېتىر ئىگىزلىكتە ۋە رەڭلىك بولۇپ، بۇ، موڭغۇلىيىدىن تېپىلغان تۇنجى تام سۈرەتلىك قەبرە ھېسابلىنىدۇ.
جۇڭگو موڭغۇلىيە بىرلەشمە ئارخېئولوگىيە ئەترىتى، ئۆتكەن يىلى 6 - ئاينىڭ 13 - كۈنىدىن 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىگىچە موڭغۇلىيىنىڭ خانگاي ئۆلكىسى، خوتۇن ناھىيىسى قۇتقۇلاي جىلغىسىدىكى 5 - ۋە 6 - نومۇرلۇق ئۇيغۇر قەبرىستانلىقىدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە تېپىلغان مەزكۇر قەبرىنىڭ قۇرۇلمىسى، خىش كاھىش قاتارلىق ماتېرىياللىرى ۋە رەڭلىك رەسىمدىكى سىمىۋوللار، قەبرىنىڭ بۇددىزم مەدەنىيىتىگە ۋە ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىگە ئائىت ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن.
ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرى ئۇيغۇر تارىخىدىكى شانلىق بىر دەۋر بولۇپ، بۇ دەۋردە تاڭ سۇلالىسى پادىشاھلىرى ئۇيغۇر خانلىرىغا قىز سوۋغا قىلىش، يىپەك تەقدىم قىلىش قاتارلىق يۇمشاق دىپلوماتىيە بىلەن يېقىنچىلىق قىلىپ كەلگەن ۋە ئۇيغۇر خانلىقىمۇ تاڭ دەۋرىدە يۈز بەرگەن ئىككى قېتىملىق ئىسياننى بېسىقتۇرۇپ، تاڭ سۇلالىسىنى خەتەردىن قۇتقۇزغان دەۋرلەر ئىدى.