مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى بىلەن فىلىپپىن ھۆكۈمىتى ئۇرۇش توختاتتى

يەكشەنبە كۈنى فىلىپپىن ھۆكۈمىتى بىلەن فىلىپپىندا 40 يىلىدىن بۇيان ئۆز ھوقۇقلىرى ئۈچۈن قوراللىق كۈرەش قىلىپ كېلىۋاتقان مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى سۆھبەت ئارقىلىق تىنچلىق كېلىشىمىنى رەسمىي ئىمزالىدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.10.07


ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمى بويىچە فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ مورولار رايونىدا ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىدىغان ئالاھىدە ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئېرىشىشىغا رازى بولغان ھەمدە بۇ يېڭى مورو مۇسۇلمان مۇختارىيەت ھۆكۈمىتىنى سايلاش پائالىيىتى باشلىنىدىكەن.

فىلىپپىن پرېزىدېنتى ئاكىنو ئىككى تەرەپ ئارىسىدا تىنچلىق كېلىشىمىنىڭ رەسمىي ئىمزالانغانلىقىنى جاكارلىغان. شۇنىڭدەك بۇ كېلىشىم كېلەر ھەپتىدىن تارتىپ كۈچكە ئىگە بولىدىكەن.

مورولار رايونى فىلىپپىننىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان مۇسۇلمان رايونى بولۇپ، نوپۇسى تەخمىنەن ئىككى مىليون ئەتراپىدا. مورولار فىلىپپىن مۇستەقىل بولغاندىن بۇيان ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۈرەش قىلغان. 1960 - 80 - يىللار ئارىسىدا فىلىپپىن ھۆكۈمىتى مورولارغا قارىتا ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتى ئېلىپ بارغاندىن كېيىن قوراللىق كۈرەش كۈچەيگەن.1980 - يىللاردا مورولارنىڭ ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغان بولسىمۇ، بىراق قارشىلىق داۋاملىشىۋەرگەن. 90 - يىللاردىن كېيىن مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى قوراللىق ھەرىكەتكە رەھبەرلىك قىلغان.2001 - يىلىدىن كېيىن مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتى خەلقارا تېررورچى تەشكىلات تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. بىراق، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئىككى تەرەپ ئارىسىدىكى سۆھبەتلەر ۋە خەلقارانىڭ ئارىلىشىشى بىلەن فىللىپ ھۆكۈمىتى ئاخىرى مورو ئىسلام ئازادلىق فرونتىنىڭ مورو ئاپتونوم رايونىنىڭ ئورنىدا تېخىمۇ ئالىي ئاپتونومىيىلىك ھوقۇققا ئېرىشىش تەلىپىگە قوشۇلغان. بۇ ئالاھىدە سىياسىي تۈزۈلمە «sub - state» ، يەنى « قوشۇمچە دۆلەت» دەپ ئاتالغان بولۇپ، بۇنىڭدا ئۆز ئالدىغا ئاساسىي قانۇن چىقىرىشتىن باشقا يەنە، ئەدلىيە، مەدەنىي - مائارىپ، ساقچى، مالىيە ۋە باشقا نۇرغۇن تەرەپلەردىن ئۆز ئالدىغا باشقۇرۇش ھوقۇقلىرى بولىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.