خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەن «مۇھاجىرلار» نىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باشلىۋەتتى

ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت ئۇيغۇر ئېلىدىن چىقىپ چەتئەللەرگە ئولتۇراقلىشىپ قالغانلارنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش خىزمىتىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر رايونلۇق ھۆكۈمەت بۇ خىزمەتنى 12-بەش يىللىق خىزمەت پىلانىنىڭ روھىغا ئاساسەن، مەخسۇس چوڭ خىزمەتلەر قاتارىدا بېكىتكەن بولۇپ، دائىرىلەر ھەتتا «ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىپ كەتكەنلەرنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ئىگىلەش تەربىيىلەش كۇرسى» ئورۇنلاشتۇرغان. بۇ كۇرس 21-مارت كۈنى مۇراسىم بىلەن دەرس باشلىغان.

پىلان بويىچە، دائىرىلەر 6-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە نوپۇس تەكشۈرۈش، تىزىملاش خىزمىتى قىلىدىكەن. كېيىنكى 6 ئايدا ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلارنى رەتلەپ، باھالاپ، ئىستاتېستىكا قىلىدىكەن. خەۋەردە، ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتكە چىقىپ كەتكەنلەر سانى كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىپ، بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەن بۇنداق بىر شارائىت ئاستىدا «مۇھاجىرلار » ئەھۋالىنى ئىگىلەش، ئۇلارنىڭ ئۆز دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم، دەپ ئەسكەرتىلگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەكشۈرۈش، تەقىب قىلىش ھەرىكەتلىرىنى يېقىندىن بۇيان ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەن بولۇپ، ئۇلار يەنە مەخسۇس تۈركىيە، مىسىر، ياپونىيە قاتارلىق ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ، ئۇلارغا ۋەتەنپەرلىك تەربىيىسى ئېلىپ بارغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت