مومبايدىكى ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 8 چەتئەللىك ئۆلگەن

ھىندىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى جۈمە كۈنى، ھىندىستاننىڭ مۇمباي شەھىرىدە ئالدىنقى كۈنى باشلانغان بىر قاتار زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدا 8 نەپەر چەتئەللىكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، يارىلانغان چەتئەللىكلەرنىڭ 22 گە يېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2008.11.28

ھىندىستان بىخەتەرلىك ئەمەلدارى كۇماۋات، ئۆلگەنلەرنىڭ ئىچىدە 3 گېرمانىيىلىك، بىر ياپون، بىر كانادالىق، بىر ئاۋستىرالىيىلىك بارلىقىنى، قالغان ئىككى كىشىنىڭ كىملىكى تېخى نامەلۇم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. يارىلانغانلار ئىچىدە ئەنگلىيىلىك، گېرمانىيىلىك ئامېرىكىلىق، ئومانلىق، نورۋېگىيىلىك، كانادالىق، فىلىپىنلىق، فىنلاندىيىلىك، ئىسپانىيىلىك، ئاۋسترالىيىلىكلەر ۋە خىتايلار بار ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى جۈمە كۈنى ھۇجۇمغا ئۇچرىغان مېھمانخانىلارنىڭ بىرىدىكى 5 نەپەر خىتاي پۇقراسىنىڭ خەتەردىن قۇتۇلۇپ، بىخەتەرلىككە ئېرىشكەنلىكىنى جاكارلىدى. مېھمانخانىدىكى خىتايلار بىلەن بىرگە گۆرۈگە تۇتۇلغان غەربلىكلەرنى ئاساس قىلغان 100 گە يېقىن كىشى قۇتقۇزۇۋېلىنغان. نۆۋەتتە ھىندىستان ئامانلىق كۈچلىرى تاج مەھەل ئوردا مېھمانخانىسى ۋە مۇمبايدىكى بىر يەھۇدىلار مەركىزىدە گۆرۈگە تۇتۇلغان كىشىلەردىن قېلىپ قالغان تۇتقۇنلارنى قۇتقۇزۇشنىڭ ئامالىنى قىلماقتا ئىكەن.

ب ب س بۇ ھەقتىكى ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە ھازىرمۇ مىلتىق ۋە پارتلاش ئاۋازى ئاڭلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىرلەشمە ئاگېنتلىقى مۇمباي شەھىرىدىكى زەنجىرسىمان تېررورلۇق ھۇجۇمدا ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئاز دېگەندە 143 كە يەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

ھىندىستان باش مىنىستىرى مانمۇخان سىڭ، مۇمبايدىكى ھۇجۇمنى چەتئەلدىكى تەشكىلاتلار ئېلىپ بارغانلىقىنى، قاتىللارنىڭ جاۋابكارلىقىنى چوقۇم سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھىندىستان ئامانلىق دائىرىلىرى تاج مەھەل مېھمانخانىسىدىن پاكىستاندىكى لەشكەرى تائىبە تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دەپ گۇمان قىلىنغان بىر پاكىستانلىقنى قولغا ئالغان.


پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.