مۇساپىرلار كومىتېتى 2011-: يىلىدا پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانى 20 پىرسەنت ئۆرلىدى

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار كومىتېتى 2011-يىلى ئىچىدە غەرب دۆلەتلىرىگە مۇساپىر بولۇپ كېتىش ئۈچۈن ئىلتىجا قىلغانلار سانىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئارتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-03-27
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، 2011-يىلى لىۋىيە، سۈرىيە ۋە پىل چىشى ساھىلىدا چىققان قالايمىقانچىلىقلار سەۋەبىدىن ئۆز دۆلىتىدىن قاچقانلارنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن بۇ رەقەم تېخىمۇ ئۆرلەپ، ئىلتىجا قىلغۇچىلارنىڭ سانى ئىلگىرىكى يىللاردىن 20 پىرسەنت ئۆرلىگەن.

مۇساپىرلار كومىتېتى ئېلان قىلغان رەقەمدىن قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە 44 دۆلەتتىكى مۇساپىرلار ئىشخانىلىرى جەمئىي 441300 ئىلتىجانى ئەنگە ئالغان. ئەڭ كۆپ ئىلتىجاچىلار ئافغانىستان، خىتاي ئۇندىن قالسا ئىراقتىن كەلگەنلەر. ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى ئاستىدىكى ئافغانىستان ۋە ئىراقتىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 35 مىڭ ۋە 23 مىڭ كىشى ئىلتىجا قىلغان. ئەمما قىزىقارلىقى، دۇنيادا 2-چوڭ ئىقتىسادىي كۈچ دەپ كۆككە كۆتۈرۈلۈۋاتقان خىتاي ئىلتىجاچىلار ئەڭ كۆپ 2-دۆلەت بولۇپ، ئۆتكەن بىر يىلدا جەمئىي 24400 خىتاي پۇقراسى ئىلتىجا قىلغان. بۇلارنىڭ تەڭدىن تولىسى ئامېرىكىدا ئىلتىجا قىلغان.

ئىگىلىنىشىچە، يۇقىرىدىكى رەقەملەر پەقەت ئەنگە ئېلىنغانلىرىلا بولۇپ، ئەنگە ئېلىنمىغان تېخى نۇرغۇن ئىلتىجاچى ھەرخىل يوللار ئارقىلىق غەربتىكى باي دۆلەتلەرگە قېچىشقا ئۇرۇنماقتا. مەسىلەن، شىمالىي ئافرىقا ۋە سەھرايى كەبىر ئەتراپىدىكى ئافرىقىلىق مۇساپىرلار ئاساسەن دېڭىز يولى قاچاق كېمىلەر بىلەن ئىتالىيە ۋە مالتا قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ بارغان. ئەمما ئېچىنىشلىقى بىر يىل ئىچىدە 1500 دىن ئارتۇق كىشى بۇ خەتەرلىك دېڭىز يولىدا تېخى قۇرۇقلۇققا ئۇلاشماي تۇرۇپلا ھاياتىدىن ئايرىلغان.

ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا دۆلەتلەر، ئاۋسترالىيە، كانادا ۋە ئامېرىكا قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلتىجاچىلارنىڭ ئاساسلىق مەنزىلى. مۇساپىرلار كومىتېتى ئىلتىجاچىلارنىڭ ئاساسەن سىياسىي سەۋەب بىلەن يۇرتىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولۇۋاتقانلار ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.

تولۇق بەت