ئىسلام كەرىموف ئالۇمۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىنىڭ يىغىنىغا كەلمىدى

شەنبە كۈنى قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە مۇستەقىل دۆلەتلەر ھەمدوستلۇقىغا ئەزا دۆلەتلەرلەرنىڭ پرېزىدېنتلىرىنىڭ غەيرى رەسمىي يىغىنى ئېچىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩلى
2009.12.20

يىغىندا، رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېف، قازاقىستان پرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نازاربايېف، تۈركمەنىستان پرېزىدېنتى گۇربانگۇل بەردىمۇھەممەدوف، قىرغىزىستان پرېزىدېنتى قۇرمانبېك باقىيېف، تاجىكىستان پرېزىدېنتى ئېمام ئەلىراخمان ھەمدە بېلورۇسىيە پرېزىدېنتى ئالېكساندىر لۇكاشېنكو قاتارلىقلار ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىقلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەم باشقا بىر قاتار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلغان.

رۇسىيىنىڭ خەۋەرلەر ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، دەسلەپكى قەدەمدە رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت 2012 - يىلى، يانۋارغىچە بولغان ئارىلىقتا بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي بوشلۇق ھاسىل قىلىشقا پۈتۈشكەن بولۇپ، بۇنداق بىرلىككە كەلگەن ئىقتىسادىي سىستېمىنى ھاسىل قىلىش پىلانىنى 12 ئاي ئىچىدە تەييارلاپ بولۇش ۋە كېلەر ئايدىن باشلاپ، دۆلەتلەر ئارىسىدىكى تاموجنا بېجىنى يېڭىدىن بېكىتىش ھەمدە ئىككىنچى قەدەمدە تاموجنىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەلگىلەنگەن. قىرغىزىستانمۇ مەزكۇر ئىقتىسادىي بوشلۇققا قوشۇلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان.

ياۋرو - ئاسىيا ئىقتىسادىي ئورتاق گەۋدىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن رۇسىيە ئارىسىدا بىرلىككە كەلگەن تاموجنا سىستېمىسى ھەمدە ئىقتىسادىي سىستېما بەرپا قىلىش، شۇنداقلا ئۆزئارا چېگرىلىرىنى ئېچىپ، پۇقرالارنىڭ ئەركىن - بېرىپ كېلىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش قاتارلىقلارنى پىلان قىلغان،

بىراق بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر مەزكۇر ئىقتىسادىي شەكىلدىكى بىر گەۋدىگە ئايلىنىشنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ قايتىدىن رۇسىيىنىڭ ھامىيلىقىغا ئۆتۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ بۇ سەۋەبتىنمۇ ياكى ۋە باشقا سەۋەبلەردىنمۇ يىغىنغا كەلمىگەنلىكىنىڭ سەۋەپى ھەققىدە ئۇچۇر يوق. نۆۋەتتە، رۇسىيە بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدا ھەربىي ئىتتىپاق كۈنسايىن كۈچەيمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.