ئامېرىكا خەلقى مۇستەقىللىق بايرىمى ئۆتكۈزدى
2011.07.04
ساليوت ئېتىش ۋە ئۇنى تاماشا قىلىش ئامېرىكا مۇستەقىللىق بايرىمىدىكى ئەڭ ھاياجانلىق پائالىيەتلەردىندۇر. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ دوستلارئارا ئۇچرىشىش، ئائىلە بويىچە دالا سەيلىسى قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە، ئامېرىكىنىڭ مۇستەقىللىق بايرىمىنى تەبرىكلىدى. 1933-، 1944-يىلى قۇرۇلغان شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى ئەسلەش، ئۇيغۇرلارنىڭ شۇ يىللاردىكى بەخت-سائادەتلىك كۈنلىرىنى ياد ئېتىش، ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ 4-ئىيۇل بايرام پائالىيىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسىدۇر.
ئامېرىكا 1776-يىلى 7-ئاينىڭ 4-كۈنى مۇستەقىللىق ئېلان قىلىپ، ئەينى چاغدىكى بۈيۈك برىتانىيىنىڭ مۇستەملىكىچىكىدىن قۇتۇلغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىق خىتابنامىسىدا «ئەركىنلىك ئىنسانلارغا تەڭرى ئاتا قىلغان توسالغۇسىز ھەق» دەپ جاكارلانغان بولۇپ، بۇ جاكارنامە، شۇنىڭدىن كېيىن دۇنيادا يۈز بەرگەن مىللىي ھەرىكەتلەردە، مۇستەقىللىق كۈرەشلىرىدە ۋە دېموكراتىك ئىسلاھاتلاردا يېتەكلەش ۋە قوزغاش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە.