« قارا جەمئىيەتنى پاش قىلغۇچى مۇخبىر» ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلدى

رادىئويىمىزنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىچە، كۈيتون شەھىرىدە چىقىدىغان «شىمالىي شىنجاڭ سەھەر گېزىتى» نىڭ مۇخبىرى سۈن خۇڭجىې 18- دېكابىر سەھەر، باشقىلار تەرىپىدىن ئارقا مېڭىسىگە ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەن.
مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2010.12.21

مەلۇم بولۇشىچە، سۈن خۇڭجىې ئۆز خەۋەرلىرىدە كۆپ ھاللاردا جەمئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىدىغانلىقى ئۈچۈن، رايوندىكى كىشىلەر تەرىپىدىن « قارا جەمئىيەتنى پاش قىلغۇچى مۇخبىر» دەپ تەرىپلەنگەن.

ساقچى دائىرىلىرى 19- دېكابىر كۈنى، سۈن خۇڭجىېنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغان 6 نەپەر قاتىل گۇماندارىنى قولغا ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. شۇنداقلا سۈن خۇڭجىېنىڭ توردا باشقىلار بىلەن سۆھبەتلىشىش جەريانىدا گەپ تالىشىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، قارشى تەرەپنىڭ ئادەم باشلاپ كېلىپ ئۇنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلىقى سەۋەبلىك، داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي ئۆلگەنلىكىنى ئۇقتۇرغان. گېزىتخانا رەھبەرلىرى بولسا گېزىتخانىدىكىلەرنى ۋەقە ھەققىدە غۇلغۇلا قىلماسلىققا ئۈندىگەن.

سۈن خۇڭجىېنىڭ خىزمەتداشلىرىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە نىسبەتەن گۇمانى قاراشتا ئىكەن. ئۇلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سۈن خۇڭجېنى ئۇرۇپ يارىلاندۇرغانلار ناھايىتى ياش بالىلار بولۇپ، تونۇلغان مۇخبىر دەپ قارالغان سۈن خۇڭجىېنىڭ ئۇلار بىلەن ئالاقە قىلىشى ھەتتا گەپ تالىشىپ قېلىشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.