خىتايدىن چىقىدىغان "خەلقئارا توردا" ناملىق خەۋەرلەر تورىدا كۆرسىتىشىچە، خىتاينىڭ يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات يېزىلاردىن 380 يېزىنى بۇ يىل نامراتلارغا ياردەم بېرىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، بۇ يېزىلاردىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق كىرىمىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
خەۋەرگە قارىغاندا، خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئون يىلدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى 30 ناھىيە-يېزىدا نامراتلارنى يۆلەش نۇقتىسى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى 2000-يىلىدىكى 980 يۈەندىن، 2010-يىلدىكى 3 مىڭ 426 يۈەنگە ئۆستۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ھالبۇكى، 29-يانۋار "بوشۈن"تورىنىڭ "ئۇيغۇر بىز" تورىدىن نەقىل ئېلىپ خەۋەر قىلىشىچە، 2010-يىلىدا قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ قاتارلىق رايونلاردا دېھقانلارنىڭ كىرىمى 1500 يۈەندىن 2000 يۈەنگىچە بولغان.
خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلارنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېنىق كۆرسەتمىگەن بولسىمۇ، يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلاردىن جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىكى دېھقانلار كىرىمىنىڭ يەنىلا خىتاي كۆرسەتكەن كىرىم سوممىسىدىن كۆپ تۆۋەن ئىكەنلىكى ئاشكارىلانماقتا.
