ناتو ئەزالىرىنىڭ دۆلەتلەر مۇداپىئە مىنىستىرلىرى يىغىنى ئىستانبۇلدا ئېچىلدى
يىغىنغا قاتناشقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گېيتىس ئامېرىكىنىڭ ناتو قىسىملىرىنى يۇقىرى تېخنىكىلىق ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى ۋەدە قىلدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما ئافغان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئافغانىستانغا يەنە 30 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، باشقا ناتو دۆلەتلىرىمۇ يەنە 9 مىڭ ئەسكەر ئەۋەتىدىغان بولغان.
باراك ئوباما يەنە 2011 - يىلىدىن ئېتىبارەن ئافغانىستاندىن ئەسكەر چېكىندۈرۈشكە باشلايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلغان ئىدى. ئەمما ناتو رەئىسى ئاندىرېس رامۇسسېن ئافغانىستاندا ۋەزىپىسىنى تاماملىغۇچە قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "بىزنىڭ ئافغانىستان ئۇرۇشىدا غەلىبە قىلىش نىشانىمىز قەتئىي. بىز ئافغانىستاندا ۋەزىپىمىزنى ئادا قىلغۇچە داۋام قىلىمىز، ئەمما بۇنىڭ 2011 - يىلى بولۇشى ناتايىن،" دېدى.