ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا نازارەت دەرىجىلىك كادىردىن 30 نەپىرى تاللاپ بېكىتىلدى

29-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومىنىڭ "نازارەت دەرىجىلىك كادىرلارنى ئاشكارا تاللاش" خىزمىتى ئاخىرلىشىپ، نەتىجىدە 30 نەپەر نازارەت دەرىجىلىك كادىر تاللاپ بېكىتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2011.01.30

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر 30 نەپەر نازارەت دەرىجىلىك كادىرنىڭ 20 نەپىرى ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئومۇمىي نىسبەتنىڭ 66.7 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىكەن.

ئەمما، خەۋەردە مەزكۇر 20 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت نازىر دەرىجىلىك كادىرنىڭ قايسى مىللەتلەرگە مەنسۇپ ئىكەنلىكى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۇيغۇرلارنىڭ قانچىلىك سالماقنى ئىگىلەيدىغانلىقى ھەققىدە ھېچ نېمە دېيىلمىگەن، بىراق بىر نەپەر قىرغىز ئايالنىڭ نازارەت دەرىجىلىك كادىرلىققا تاللانغانلىقى ئېيتىلغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ كادىرلار ئاساسىي قاتلاملاردىن تاللاپ چىقىلغان. بىراق، ئۇلارنىڭ كونكرېت قانداق خىزمەتلەرگە قويۇلىدىغانلىقى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس. لېكىن، كۆزەتكۈچىلەر 60 يىلدىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنە بويىچە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى يۈرگۈزۈش سالاھىيىتى ئېتىراپ قىلىنغان ئۇيغۇر كادىرلىرىغا ھەر دەرىجىلىك پارتىيە ئورگانلىرىنىڭ باش سېكرېتارلىق سالاھىيىتى بېرىلمەيدىغانلىقى، بۇلارنى چوقۇم خىتاي كادىرلىرىنىڭ مونوپول قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتمەكتە.

ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىك، دۆلەت بىخەتەرلىك، سانائەت، ئىقتىساد-مالىيە قاتارلىق نازۇكراق ئورگانلىرىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئەزەلدىن خىتاي كادىرلار ئاتقۇرۇپ كەلمەكتە.

2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن كۆرسىتىلگەن ئىنكاسلارنىڭ بىرى سۈپىتىدە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدا قىسمەن تەرتىپكە سېلىش ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۇەننىڭ ئورنىغا تەيىنلەنگەن جاڭ چۈنشەن ئاپتونوم رايون دائىرىسىدە ئاز سانلىق مىللەت رەھبىرى كادىرلىرىنىڭ سانىنى ئاشۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ بىر قاتار ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.