بو شىلەي كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلدى
2012.08.26
خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بو شىلەي نۆۋەتتە بېيجىڭدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنىپ، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئۇنىڭ بارلىق قىلمىشلىرىنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن.
بو شىلەينىڭ كومپارتىيىدىن قوغلاپ چىقىرىلىشى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18 - قېتىملىق قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىش ھارپىلىرىغا توغرا كەلدى. سىياسىي مۇلاھىزىچىلەر بو شىلەي ۋەقەسىنىڭ خىتاي كومپارتىيىسى يۇقىرى قاتلىمىدىكى جاڭ زېمىن گۇرۇھى بىلەن ھازىرقى خۇ جىنتاۋ گۇرۇھى ئارىسىدىكى ئىچكى زىددىيەت ۋە كۈرەشلەر بىلەن چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەھلىل قىلىشماقتا، تېخى يېقىندا خىتاي سوت دائىرىلىرى بو شىلەينىڭ ئايالى گۇ كەيلەينى ئەنگلىيە پۇقراسىنى ئۆلتۈرۈش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈپ ئىجرا قىلىشنى بەلگىلىگەن ئىدى.
بو شىلەيگە كەلگۈسىدە يەنە قانداق كونكرېت جىنايەتلەر ئارتىلىدىغانلىقى ھازىرچە نامەلۇم. كۆزەتكۈچىلەر پارتىيىدىن چىقىرىلىشنىڭ جازالاشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىسى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇشماقتا.