نەنسى پېلوسى: بىز خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۇنتۇپ قالمايمىز
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009.01.09
2009.01.09
نەنسى پەلۇسى خانىم مۇنداق دەيدۇ": مەن جۇڭگونىڭ كىشىلىك ھوقۇق ئەھۋالىدىن ئەندىشە قىلىمەن. 20 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بېرى دۆلەت مەجلىسىدە كىشىلىك ھوقۇقنى تەشەببۇس قىلىپ كەلدىم. مەن كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى دائىم سودا مەنپەئەتىنى بېسىپ چۈشەلمەيدىغانلىقىنى بىلىمەن. لېكىن بىز بۇنىڭلىق بىلەن تىرىشچانلىقىمىزنى توختاتماسلىقىمىز كېرەك."
پەلۇسى بۇ سۆزلەرنى ئىككى تەرەپ بېيجىڭدا خىتاي - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەۋاتقان مەزگىلدە تەكىتلىگەن بولۇپ، ئۇ يەنە " بىز خىتاي تۈرمىسىدىكى سىياسىي مەھبۇسلار ئۈچۈن داۋاملىق سۆزلەيمىز. ئۇلار بىزنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇمايدىغانلىقىمىزنى بىلىپ قېلىشى كېرەك."
بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن خىتاي - ئامېرىكا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جون نېگرىپونتى قاتناشقان ئىدى. ئۇ خىتايغا قاراپ يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كرىستوفىر سىمىت، فرانك ۋولف قاتارلىق 8 نەپەر ئەزاسى ئۇنىڭغا خەت يېزىپ، خىتاي دائىرىلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىك، قانۇن بىلەن باشقۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ئەسكەرتىشنى تەلەپ قىلغان.