خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى نېپالنىڭ بىر تىبەتلىكنى خىتايغا قايتۇرغانلىقىنى بىلدۈردى

چەتئەللەردىكى تىبەت تەشكىلاتلىرى بۈگۈن نىپال ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا نېپالغا قېچىپ چىققان بىر تىبەتلىكنى قولغا ئېلىپ، ئۇنى خىتايغا قايتۇرۇپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى. بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن تاشى ئىسىملىك تىبەت سىنتەبىر ئېيىدا 5 ھەمراھى بىلەن بىرلىكتە نېپالغا قېچىپ كەلگەن، ئەمما كاتماندۇغا بارىدىغان يولدا ھەمراھلىرىدىن ئايرىلىپ قالغان تاشى نىپال ساقچى دائىرىلىرىنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2011-11-24
Share

خەلقئارا تىبەت ھەرىكىتى ھازىر تاشىنىڭ لاسادا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرگەن. 2010 - يىلى ئىيۇن ئېيىدىمۇ ئوخشاش ۋەقە سادىر بولغان، ۋەقە ئەينى چاغدا خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان ئىدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھەر يىلى يۈزلەرچە تىبەتلىك مۈشەققەتلىك يوللارنى بېسىپ نېپالغا قېچىپ كېلىدىكەن، ئەمما كېيىنكى يىللاردا بۇ سان كۆرۈنەرلىك ھالدا تۆۋەنلەپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە، ب د ت مۇساپىرلار ئىشخانىسىنىڭ نېپالدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسى بىلەن نېپال ھۆكۈمىتى ئارىسىدىكى غەيرى رەسمىي كېلىشىمگە ئاساسەن نېپال ھۆكۈمىتى ئىلگىرىكى يىللاردا تىبەتلەرنىڭ نېپال ئارقىلىق ھىندىستانغا ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلىپ كەلگەن. ئەمما كېيىنكى يىللاردا نېپال ھۆكۈمىتى پوزىتىسىيىسىنى ئۆزگەرتىپ، چېگرىدىن ئۆتۈپ نېپالغا كەلگەن تىبەتلەرنى خىتايغا قايتۇرۇشقا باشلىغان.

ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىك خەت - ئالاقىلىرىنى ئاشكارىلاپ كەلگەن ۋىكىلىكىس تور بېتى ئىلگىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېپال ساقچى دائىرىلىرىگە پۇل بېرىش ئارقىلىق ئۇلارنى تىبەتلىكلەرنى قايتۇرۇپ بېرىشكە كۆندۈرگەنلىكى ھەققىدە بىر ھۈججەتنى ئاشكارىلىغان ئىدى.

پەيشەنبە كۈنى خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىر خىتايغا قايتۇرۇلغان تاشى ئىسىملىك تىبەتلىكنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىدا باياناتچى ليۇ ۋېيمىن ئۆزىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتقان.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت