نوبىل مۇكاپاتىنىڭ زاسېداتىللىرى خىتاي سەپىرىدە پارا ئېلىش بىلەن ئەيىبلەندى
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2008.12.19
2008.12.19
نورۋېگىيە ئەدلىيە دائىرىلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نورۋېگىيە تەپتىش ئەمەلدارى بۇ مەسىلە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. تەپتىش ئەمەلدارى نىلس - ئەرىك شۇلتىز بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا بەرگەن بۇ ھەقتىكى باياناتىدا بۇ زىيارەتلەر نوبىل كومىتېتىنىڭ شۇ يىلقى لائۇرىياتلارنى بېكىتىش قارارىغا قانچىلىك تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى ئېنىقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
يېقىندا شۋېتسىيىدىكى بىر رادىئو ئىستانسىسى نوبىل جەمئىيىتىنىڭ تىبابەتچىلىك، خىمىيە ۋە فىزىكا باھالاش كومىتېتىدىكى 3 نەپەر باھالاش ھەيئىتىنىڭ خىتايغا تەكلىپ قىلىنىپ، لائۇرىياتلارنىڭ قانداق تاللىنىدىغانلىقى ئۈستىدە مەلۇمات ئالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان.
باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ ئايروپىلان بېلىتى، تۇرالغۇ ۋە يېمەك - ئىچمەكلىرىنى خىتاي دائىرىلىرى ئۈستىگە ئالغان ئىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئەگەر ھەيئەتلەرنىڭ ھەرىكىتىنىڭ پارا ئېلىشقا ياتىدىغانلىقى ئىسپاتلانسا ئۇلارغا جەرىمانە قويۇلۇشى ياكى ئۇلار كۆپ بولغاندا 2 يىلغا قەدەر قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن.
شۋېتسىيە خان جەمەتى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ سېكرېتارى گۇننار ئوكيۇست، ھەيئەتلەرنىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ توغرا بولمىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.









