خىتاي، نورۋىگىيە بىلەن بولفان مۇناسىۋەتىنىڭ بۇندىن كەيىنكى ياخشى بولمايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى

خىتاي دائىرىلىرى نورۋىگىيە بىلەن بۇندىن كېيىن ياخشى مۇناسىۋەت ئورنىتىشنىڭ قېيىنغا توختايدىغانلىقىنى ئىپادە قىلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-12-02
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جياڭ يۈ بۈگۈنكى باياناتىدا " نورۋىگىيە ھۆكۈمىتى ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتى بېرىلىشىنى ئوچۇق - ئاشكارا قوللىدى. بىزنىڭ بۇندىن كېيىن نورۋىگىيە بىلەن ئىلگىرىكىدەك دوستلۇق مۇناسىۋىتىمىزنى داۋام قىلدۇرۇشىمىز قېيىنغا توختايدۇ" دېگەن.

نورۋىگىيىدە تۇرۇشلۇق نوبېل كومىتېئىتى خىتاينىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا قارىماي ليۇ شاۋبوغا نوبېل مۇكاپاتىنى بەرگەندىن كېيىن خىتاي بۇنىڭدىن قاتتىق نارازى بولۇپ، نورۋىگىيىنى جىنايەتچىنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىگەن ئىدى. باياناتچى جياڭ يۈ بۈگۈنكى سۆزىدە بۇ ئىپادىسىنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈپ، " نورۋىگىيە دائىرىلىرى ليۇ شاۋبونى خىتايدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلىدى" دېگەن.

خىتاي دائىرىلىرى تېخى تۈنۈگۈنلا نورۋىگىيە بىلەن بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا ئۆتكۈزۈش پىلانلانغان خىتاي - نورۋىگىيە سودا سۆھبىتىنى مۇددەتسىز كېچىكتۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ خىتاينىڭ نورۋىگىيىدىن ئۆچ ئېلىشى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشكەن ئىدى.

خىتاي دائىرىلىرى 10- دېكابىر كۈنى ليۇشاۋبوغا بېرىلگەن نوبېل مۇكاپاتىنى تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشىدىغان دۆلەت ۋەكىللىرىگە بېسىم ئىشلىتىشكە ئۇرۇنماقتا. گەرچە خىتاي ھەرقايسى ئەل ۋەكىللىرىنىڭ مۇراسىمغا قاتنىشىشىنى توسۇش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقارغان بولسىمۇ، نۇرغۇن دۆلەتلەر مۇراسىمغا نورمال قاتنىشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت