نۇر بەكرى، مۇقىملىق ھەممىدىن ئۈستۈن شوئارىنى تاشلاپ، تەرەققىيات ھەممىنى ھەل قىلىدۇ شوئارىغا ئېسىلدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى پەيشەنبە كۈنى ئۈرۈمچىدە مەملىكەت خاراكتېرلىك بىر قىسىم خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تەرەققىيات ئۇيغۇر ئېلىدە مەۋجۇت بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مۇخبىرىمىز ئەركىن
2011-01-21
Share

يېقىنقى ۋاقىتلارغا قەدەر مۇقىملىقنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان تۈپ ئامىل ئىكەنلىكىنى جار سېلىپ كەلگەن نۇر بەكرىنىڭ، "شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى تەرەققىيات" دېگەن باياناتى كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن بىر تاسادىپىيلىقتۇر.

ئۇ بۇ سۆزلەرنى پەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق 9 ئاخبارات ئورگىنىنىڭ بىرلەشمە زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مۇقىملىق بىلەن تەرەققىياتنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش مەسىلىسىگە دائىر بىر سوئالغا جاۋاب بەرگەندە تەكىتلىگەن. نۇر بەكرى " تەرەققىيات شىنجاڭدىكى بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئورتاق ئاچقۇچىدۇر" دېگەن.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۇر بەكرىنىڭ بۇ سۆزلەرنى قىلغان ۋاقتى بىلەن خىتاي ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ ئالايىتەن ئۇنى زىيارەت قىلغان ۋاقتى، شەرت -شارائىت نۇقتىسىدىن ناھايىتى نازۇك بىر كۈنگە توغرا كەلگەن. بۇ ۋاقىت خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكىنى زىيارەت قىلىۋاتقان، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئۇنىڭ زىيارىتىدىكى ئامېرىكا جامائەتچىلىكىنىڭ ئەڭ دىققىتىنى قوزغىغان مەسىلىلەردىن بىرى بولۇپ قالغان مەزگىل ئىدى.

نۇر بەكرى تەرەققىياتنى تەكىتلىگەن كۈنى خۇ جىنتاۋ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنى زىيارەت قىلىپ، جون بونېر، ئېلىنا رۇس لېتىنانت قاتارلىق ئاۋام پالاتا رەھبەرلىرىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك، تىبەت، ئۇيغۇر ۋە سىياسىي مەھبۇسلار مەسىلىسىدىكى كۈچلۈك سوئال - سورىقىغا دۇچ كەلگەن كۈن بىلەن ئوخشاش بىر كۈنگە توغرا كەلگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت