نۇر بەكرى ئۇيغۇر ھەرىكەتلىرىنىڭ پاكىستانغا چېتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى ئۇيغۇر يۇرتلىرىدا يۈز بەرگەن ۋەقەنىڭ، خىتاينىڭ مۇستەھكەم دوستى بولغان پاكىستاندىكى تالىبانلارغا ۋە ۋەزىرىستان قەبىلىلەر رايونىدىكى تېررورچىلارغا چېتىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2012-03-07
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئەمما ئۇ، پاكىستاننىڭ يەنىلا خىتاينىڭ «يېڭى چېگرا» دىكى مەنپەئەتلىرىنى قوغداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەتلىرىنى يوقىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرى قاغىلىق ۋەقەسى ھەققىدە توختالغاندا يەنە، شەرقىي تۈركىستان پائالىيەتچىلىرى ۋە تېررورچىلىرىنىڭ بىزگە قوشنا دۆلەتلەر بىلەن مىڭ بىر تۈرلۈك ئالاقىسى بارلىقى بىزگە ئايان، ئەمما پاكىستان بىلەن بىرنىڭ تېررورچىلىققا قارشى تۇرۇشتا ئورتاق مەنپەئەتىمىز بار، بىز ھازىر بىرتەرەپ قىلىۋاتقان ۋەقە پاكىستان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ھەرگىز تەسىر يەتكۈزمەيدۇ، دېگەن.

خەۋەر ئارخىپلىرىغا قارىغاندا، خەلق سايلىمىغان بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى تاللىۋالغان ئۇيغۇر ئاپتونوم رەئىسى نۇر بەكرى يىللاردىن بۇيان، ئىزچىل ھالدا ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ۋە توي يېشىغا يەتكەن ئۇيغۇر قىزلىرىنى خىتايغا يۆتكەپ ئىشقا سېلىش ئۈچۈن ئالاھىدە خىزمەت كۆرسەتمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت