تەيىنلەنگەن رەئىس نۇر بەكرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 18-قۇرۇلتىيىدا، بۈگۈن پارتىيە مەركىزى كومىتېتىنىڭ 206 نەپەر ئەزاسى بېكىتىلگەن. ئۇيغۇر رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى، بۇ قېتىمقى قۇرۇلتايدا، مەركىزى كومىتېت ئەزالىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ بۈگۈنكى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 206 نەپەر مەركىزى كومىتېت ئەزاسىنىڭ 9 نەپىرى خىتايدىن باشقا مىللەتلەردىن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە 3 نەپىرى موڭغۇل مىللىتىدىن، قالغانلىرى بىر نەپەردىن ئۇيغۇر، تىبەت، تۇنگان قاتارلىق مىللەتلەردىن.

ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا نۆل بەكرى دەپ نام ئالغان نۇر بەكرىنىڭ مەركىزى كومىتېت ئەزالىقىغا كىرگۈزۈلۈشى ھەققىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى دىلشات رىشىت بۈگۈن رادىئومىزدا پىكىر بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە نۇر بەكرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئىتى ئۈچۈن گەپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالماسلىق، ئەمما ئۆز خەلقىنى زىيانغا ئۇچرىتىشتا ۋىجدانى ئازابلانماسلىقتەك كىشىلىك خاراكتېرى بىلەن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرۈنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ يەنە، نۇر بەكرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ئاتالمىش قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ ئاكتىپ ئىجراچىسى بولغانلىقىنى ئەسلىتىپ، ئۇنىڭ خىتاي ھاكىمىيەت قاتلىمىدا ھەر بىر بالداق يۈكسىلىشى، ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن بىر شۇملۇقتىن بېشارەت دەپ كۆرسەتتى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت