نۇر بەكرى ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزگەندە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى تەكىتلىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى ئالدىنقى كۈنى ئۈرۈمچىدە بېيجىڭدا ئېچىلغان ئىككى يىغىننىڭ روھىنى يەتكۈزگەن چېغىدا، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى باشتىن - ئاخىرى تەكىتلىگەن. ئۇ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسى ۋە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ئىشلىرى توغرىسىدىمۇ ئارقا - ئارقىدىن چاقىرىق ۋە تەشەببۇسلار بايان قىلغان.

2010.03.23

نۇر بەكرى رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، 3 خىل كۈچلەرگە زەربە بېرىش، قوش تىللىق مائارىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قاتارلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى خۇش قىلىدىغان چاقىرىقلارنى ئېغىزىدىن چۈشۈرمەي كەلگەن. ئۇيغۇرلار ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيە ھوقۇقى، رايوننىڭ تەبئىي بايلىقى، مىللىي مائارىپ ۋە مىللىي مەدەنىيەت مەسىلىلىرى ھەققىدە ھېچ ۋاقىت ئېغىز ئاچمىغان.

بۇ سەۋەبتىن ئۇيغۇرلار ئارىسىدا " سالام نۇر بەكرى، نۇر بەكرى" دېگەن تىمىدا ساتىرىك شىئېر تارقىلىپ، ئۇنىڭ يارامسىزلىقلىرى تەنقىدكە ئۇچرىغان ئىدى. چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بولسا، ئۇنى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئىرادىسىگە خىلاپ ھالدا، ھۆكۈمەتكە غالچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلەپ كەلمەكتە.

نۇر بەكرى بۇ قېتىمقى نۇتقىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى باشتىن - ئاخىرى تەكىتلەش بىلەن بىللە 3 خىل كۈچلەر ھەققىدە ھېچ توختالمىغان. ۋاڭ لېچۈەن ئۆتكەن ھەپتىدىكى نۇتقىدا مۇقىملىق ھەممىنى بېسىپ چۈشىدۇ دېگەن چاقىرىقىغا زىت ھالدا، ئۇيغۇر رايونىدا ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. نۇر بەكرىنىڭ نۇتقىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى ئاساسى ئورۇنغا قويۇشى، ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش چاقىرىقىدىن بىر ھەپتە كېيىنگە توغرا كەلدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.