نۇربەكرى '2010 - يىلىدىمۇ مۇقىملىق ھەممىدىن ئەلا' دېدى

تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى نۇربەكرى ئۇيغۇر رايونىنىڭ 2009 - يىللىق خىزمەت دوكلاتىدا قىلغان سۆزىدە، " مۇقىملىقنىڭ ھەممىدىن ئەلا" ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010.01.14

نۇربەكرى مۇنداق دېگەن : "بىر يىلدىن بۇيان بۆلگۈنچىلىككە قارشى كۈرەش كەسكىن ھەم مۇرەككەپ بولغان ۋەزىيەتتە مۇقىملىق ھەممىدىن ئۈستۈن دېگەن يېتەكچى ئىدىيىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش، دۈشمەننى ئالدىن ئۇجۇقتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، 'ئۈچ خىل كۈچلەرگە' باشتىن ئاخىر قاتتىق زەربە بەردۇق."

نۇربەكرى سۆزىدە، 2010 - يىللىق خىزمەت پىلانىدىمۇ مۇقىملىقنىڭ يەنىلا بىرىنچى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ باشقا ئۆلكىلىرىدە تەرەققىيات ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش تەكىتلىنىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ئۇيغۇر دىيارىدا خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنى بىر چەتكە قايرىپ قويماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى تېخى تۈنۈگۈنلا ئۇيغۇر ئىلىدا باستۇرۇشنى كۈچەيتىدىغان تۈرلۈك كونكرېت بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يولغا قويغاننىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ 2010 ‏ - يىلقى ئاممىۋى خەۋپسىزلىك خام چوتىنى بۇلتۇرقى 1 مىليارد 540 مىليون يۈەندىن 2 مىليارد 890 مىليونغا چىقارغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

كۆزەتكۈچىلەر بولسا، رايوندىكى مەسىلىنىڭ قانداقتۇر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، مەسىلىنىڭ نىگىزىنىڭ سىياسى - ئىقتىسادى ئامىللارغا چېتىلىدىغانلىقىنى، بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.