نۇر بەكرى قوش تىل تەربىيىسىنى بالىلار تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا باشلاشنى تەلەپ قىلغان

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى 6 - ئاينىڭ 4 - 5 - كۈنلىرى قەشقەردە خىزمەتلەرنى كۆزدىن كەچۈرگەن ۋە " قوش تىل" تەربىيىسىنى "بالىلار تېخى كىچىك ۋاقتىدىلا" باشلاشنى تەلەپ قىلغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010.06.12

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى 2012 - يىلىغىچە، "بالىلار مەكتەپ يېشىغا توشۇشتىن ئىلگىرى ئىككى يىل قوش تىل مائارىپ تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشنى ئومۇملاشتۇرۇشنى" تەلەپ قىلغان.

ئۇ، "بوۋاقلارنىڭ پسىخىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان ئامال چارىلەرنى تېپىپ، قوش تىل ئوقۇتۇشىدا ياش ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان يېڭى يول تېپىپ چىقىش كېرەك" دېگەن ۋە ئوقۇتقۇچىلاردىن خىتايدا "ئورتاق ئىشلىتىدىغان تىل - يېزىق" نى ياخشى ئۆگىتىشنى تەلەپ قىلغان.

مەلۇم بولۇشىچە، نۇر بەكرى بۇ نۆۋەت ئاساسلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ قەشقەرگە بارغان.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم ناھىيىلەردە "ياردەم بېرىش سىناق نۇقتىلىرى" قۇرغانلىقى ۋە 2 - ئىيۇن ئىش باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.