ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما شەنبە كۈنى ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما شەنبە كۈنى ئەتىگەن 53 دۆلەت رەھبىرى قاتنىشىدىغان يادۇر بىخەتەرلىكى يىغىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتوندىن ئاسىياغا قاراپ يولغا چىقتى.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-03-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

يىغىن جەنۇبىي كورىيە پايتەختى سېئۇلدا ئېچىلىدىغان بولۇپ، يىغىن باشلىنىشتىن ئىلگىرى ئوباما جەنۇبىي كورىيە پرېزىدېنتى لى ميۇڭ - باك بىلەن كۆرۈشىدىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، ئوباما بۇ نۆۋەت جەنۇبىي كورىيىدە تۇرۇشلۇق ئامېرىكا ئەسكەرلىرىگە ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن، جەنۇبىي ۋە شىمالىي كورىيە چېگراسىنى زىيارەت قىلىدىكەن.

ئوباما يادرو يىغىنى باشلىنىشتىن ئىلگىرى خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن، دۈشەنبە كۈنى رۇسىيە پرېزىدېنتى دمىترىي مېدۋېدېۋلار بىلەن كۆرۈشىدىكەن. ئۇ يەنە تۈركىيە ۋە قازاق رەھبەرلىرى بىلەنمۇ سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.

بۇ ئوبامانىڭ بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئامېرىكىنىڭ ھەربىي كۈچىنى ئاسىيا - تىنچ ئوكيان رايونىغا مەركەزلەشتۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىغاندىن كېيىنكى تۇنجى ئاسىيا زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت