ئوباما ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتتە قوللانغان ئۆلچەملىرىنى مەدھىيىلىدى

'ئاۋسترالىيان گېزىتى'نىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا ئوباما ھۆكۈمىتى ئاۋسترالىيىنىڭ باش مىنىستىرى كەۋىن رۇدنى، خىتاينى ئەڭ ياخشى چۈشىنىدىغان غەرب رەھبەرلىرىنىڭ بىرى، ئۇ، خىتاي - ئاۋسترالىيە مۇناسىۋىتىدىكى قېيىن مەسىلىلەرنى، يەنى بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي بىلەن ئامېرىكا ۋە باشقا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگۈسى قېيىن مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتا يېڭى ئۈلگە ياراتتى، دەپ يۇقىرى باھا بەرگەن ۋە مەدىھىيىلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009.08.30

ئاۋسترالىيىنىڭ كېۋىن رۇد ھۆكۈمىتى يېقىندا، ئاۋسترالىيە - خىتاي مۇناسىۋىتى كىرىزىس ئىچىدە تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا، رابىيە قادىرغا ۋىزا بېرىش مەسىلىسى، رىئو - تىنو شىركىتىدە يۈز بەرگەن چىرىكلىك مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش جەھەتلەردە، بېيجىڭ پەيدا قىلغان كىرىزىسلارغا تاقابىل تۇرۇپ، خۇددى خىتاينىڭ قاتتىق بېسىمىغا پىسەنت قىلمىغان ياپونىيىگە ئوخشاش ئۆلچەم قوللىنىپ، ئاۋسترالىيىنىڭ دۆلەت مەنپەئەتىگە تاقىشىدىغان يادرو مەسىلىلەردە قىلچە تەۋرەنمەي، ئۆز دۆلىتىنىڭ مەنپەئەتىنى قوغداشتا بىر يېڭى ئۈلگە يارىتىپ، دۆلەت ئىچىدە ۋە خەلقئارادا ئالاھىدە قوللاشقا ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.