ئوباما، دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشنى كېچىكتۈردى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بىلەن تىبەت داھىسى دالاي لامانىڭ ئۇچرىشىشى يىل ئاخىرىغا يەنى باراك ئوبامانىڭ خىتاي زىيارىتىدىن كېيىنگە كېچىكتۈرۈلگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2009.10.06

دالاي لاما ئالدىنقى 3 نۆۋەتلىك ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ ھەممىسى بىلەن كۆرۈشكەن. بۇ قېتىم بۇ ئەنئەنىنىڭ 18 يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇزۇلۇشىدۇر. ئامېرىكا پرېزىدېنتلىرىنىڭ دالاي لاما بىلەن كۆرۈشۈشى ئادەتتە ئامېرىكىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىدىكى مەيدانىنى ئۆلچەيدىغان تېرمومېتىر سۈپىتىدە قارالماقتا.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى Ian Kelly بۈگۈن بۇ ھەقتىكى مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىپ، دالاي لاما بىلەن ئوبامانىڭ كۆرۈشۈشىنىڭ ھەر ئىككى تەرەپكە ئۇيغۇن بىر ۋاقىتتا ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كېللي يەنە، دالاي لامانى بۇ قېتىم ھۆكۈمەتنىڭ مەخسۇس تىبەت ئىشلىرى مەسئۇلى Maria Otera نىڭ قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ھەم ئوبامانىڭ نويابىردىكى خىتاي زىيارىتى داۋامىدا، ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

دالاي لامانىڭ باياناتچىسى Kate Saunders نىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆرۈشۈشنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى دالاي لاماغا ئۆتكەن ئايدا ئۇقتۇرۇلغان يەنى ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىللىرى ئۆتكەن ئاي، دارامسالادا دالاي لامانى زىيارەت قىلغان چېغىدا، كۆرۈشۈشنىڭ كېچىكتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلگەن. دالاي لاما بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەندە، خىتاي - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى نورماللىقىنى ساقلىسا، خىتاي - تىبەت سۆھبىتىنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

دالاي لامانىڭ بەش كۈنلۈك ئامېرىكا زىيارىتى تۈنۈگۈن باشلانغان بولۇپ، ئۇ زىيارىتى داۋامىدا نەنسى پېلوسى قاتارلىق ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.