ئوباما ھىندىستاننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەڭگۈلۈك ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ھىندىستاندا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما دۈشەنبە كۈنى، ھىندىستاننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەڭگۈلۈك ئەزا بولۇپ كىرىشىگە ياردەم قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺟﯜﻣﻪ
2010-11-08
Share

خەۋەرلەردە بۇنىڭ، ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ مەڭگۈلۈك ئەزاسى بولغان خىتايغا دىپلوماتىك بېسىم پەيدا قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

ئوباما دۈشەنبە كۈنى ھىندىستان باش مىنىستىرى مانماخان سىنگ بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن ئېچىلغان بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ ھەقتە توختالغان.

ئۇ مۇنداق دېگەن: "بىز خەلقئارالىق بىرلىك -بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 21 ‏ - ئەسىردىكى رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشى كېرەكلىكى ھەققىدە سۆھبەتلەشتۇق."

ئوباما يەنە، ھىندىستاننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەڭگۈلۈك ئەزا بولۇپ كىرىش مەسىلىسىنى ھىندىستان پارلامېنتىدىكى نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوبامانىڭ ھىندىستان بىلەن سودا ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىشى، خىتاي ۋە پاكىستان مۇناسىۋەتلىرىنى مۇقىم ساقلاشنى ئارزۇ قىلىدىغان ئامېرىكىدا ئۇنى ئىنتايىن قېيىن ئەھۋالغا قويغان.

ھىندىستاننىڭ ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە كۆرسىتىلىشى خىتاينىڭ قارشىلىقىغا ئۇچرايدىكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت