ئوباما: ئامېرىكا شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە ھازىرلىق قىلىپ قويدى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما شىمالىي كورىيىدىن كېلىدىغان ھەر قانداق تەھدىتكە تەييارلىق قىلىپ قويغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. پرېزىدېنت ئوباما بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى شىمالىي كورىيىنىڭ ھاۋايىنى نىشان قىلىپ ئۇزۇن مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بارماقچى بولۇۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەرگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا تەكىتلىگەن.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ
2009-06-22
Share

ياپونىيە ئاخبارات ۋاستىلىرى بۇ ھەقتىكى خەۋەرلىرىدە،شىمالىي كورىيىنىڭ 7 ‏- ئاينىڭ 4 ‏ - كۈنى يەنى ئامېرىكا مۇستەقىللىقى كۈنى ئۇزۇن مەنزىللىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا سىنىقى ئېلىپ بېرىشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولۇپ، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى روبېرت گەيتىس ئامېرىكا قىسىملىرىغا ھاۋايىدا مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش بۇيرۇقى چۈشۈرگەن.

پرېزىدېنت ئوباما ئامېرىكا CBS تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، " مەن ئامېرىكا خەلقىغە شۇ كاپالەتنى بەرمەكچى، يۈز بېرىدىغان ھەر قانداق ئېھتىماللىققا قارشى پۈتۈن تەييارلىقلار قىلىپ قويۇلدى" دەپ كۆرسەتتى. ئوباما يەنە شىمالىي كورىيىنى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قوينىغا قايتىپ كېلىشكە چاقىرىپ، لېكىن "بىز بۇرۇنقىدەك ئۇرۇشخۇمارلىق ۋە ئىغۋاگەرچىلىكنى مۇكاپاتلايدىغان ئىشلارنى قىلمايمىز" دەپ ئەسكەرتتى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ ياردەمچى مىنىستىرى مىشىل فلورنوي يىتەكچىلىكىدىكى بىر ئامېرىكا ھەربىي ئۆمىكى خىتاي بىلەن، شىمالىي كورىيىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە يادرو قوراللار پروگراممىسىنى سۆزلىشىش ئۈچۈن دۈشەنبە كۈنى بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىققان. مىشىل فلورنوي بېيجىڭدىكى 2 كۈنلۈك زىيارىتىدە خىتاي ئارمىيىسىنىڭ مۇئاۋىن شتاب باشلىقى ما شياۋتيەن بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزىدىكەن.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت