قازاق مەتبۇاتلىرى : ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوباما بۇ يىل قازاقىستاننى زىيارەت قىلىدۇ

قازاقىستاندا چىقىدىغان " قازاقىستان ھەقىقىتى" گېزىتىنىڭ تارقاتقان ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ بۇ يىل ئىچىدە قازاقىستاننى رەسمىي زىيارەت قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىنىڭ پرېزىدېنتىنىڭ قازاقىستان سەپىرىدىن كېيىن، 2010 - يىلى قازاق رەھبىرى نۇرسۇلتان نازاربايېۋ ۋاشىنگتوندا ئاق سارايدا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009.05.10

مەزكۇر ئىككى پرېزىدېنتنىڭ ئۆز - ئارا زىيارىتى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى خىلارى كلىنتون بىلەن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مارات تاجىننىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن ئاشكارىلاندى.

قازاقىستان ھەقىقىتى گېزىتىنىڭ ئۇچۇرىدا يېزىلىشىچە، مارات تاجىن ئۆزىنىڭ خىلارى كلىنتون بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا ئىككى پرېزىدېنتىنىڭ ئۆز - ئارا زىيارەت كۈن تەرتىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ھەمدە پرېزىدېنت باراك ئوبامانى قازاقىستانغا تەكلىپ قىلغان شۇنىڭدەك نازاربايېۋنىڭمۇ 2010 - يىلى ۋاشىنگتوننى زىيارەت قىلىش پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

قازاق مەتبۇئاتىنىڭ يېزىشىچە، باراك ئوباما سايلامدا غەلىبە قىلغان، ئەمما تېخى پرېزىدېنتلىق قەسەمىيات مۇراسىمى ئۆتكۈزمىگەن چاغدىلا، نۇرسۇلتان نازاربايېۋ بىلەن تېلېفون سۆھبىتى قىلغان بولۇپ، قازاق مەتبۇئاتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، سۆھبەتتە، ئامېرىكا بىلەن قازاقىستاننىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ھەمكارلىق مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان، ئەنە شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئاستانا رەھبەرلىرى باراك ئوبامانىڭ ئاستانانى زىيارەت قىلىشىنى ئۈمىد قىلغان ئىدى.
 
 

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.