ئوباما بىلەن دالاي لامانىڭ كۆرۈشۈشى ناھايىتى سەزگۈر ۋاقىتقا توغرا كەلدى

دالاي لامانىڭ باياناتچىسى لودىگەرىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقىغا چۈشەندۈرۈشىچە، نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن رەھبەر دالاي لامانىڭ ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىلەن كۆرۈشىدىغان بۇ ۋاقىت، ئامېرىكا خەلقئارادا ئۇرۇش ئىچىدە تۇرۇۋاتقان، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي كورىيە ۋە ئىران ئوتتۇرىسىدا يادرو قوراللىرى مەسىلىسى بۇيىچە دىپلوماتىك پائالىيەت بولۇۋاتقان، ئامېرىكا تەيۋەنگە قورال ساتقانلىقىغا قارىتا خىتاي قاتتىق نارازىلىقىنى ئىپادىلەۋاتقان، دالاي لامانىڭ ۋەكىللىرىنىڭ چوڭ تىبەتكە تولۇق ئاپتونومىيە ئېلىش تەلىپى بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رەت قىلىنغان بىر سەزگۈر ۋاقىتقا توغرا كەلدى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010.02.17
ئاقساراينىڭ باياناتچىسى روبرت گېببسنىڭ بايان قىلىشىچە، پرېزىدېنت ئوباما بىلەن دالاي لاما كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن، ئىككىسى بىللە تۇرۇپ جەمئىيەتكە قانداق شەكىلدە ۋە نەدە بايانات بېرىدىغانلىقى تېخى بېكىتىلمىگەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ئەسىرلەردىن بۇيان، تىبەت خىتاينىڭ تېررىتورىيىسىدە بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، دەپ جاكارلىسا، تىبەتلەر ئەسىرلەردىن بۇيان، تىبەت قىسقا مەزگىللىك چەتنىڭ تاجاۋۇزىدىن باشقا، ئۆزىنىڭ دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈپ كەلگەن، دەپ جاكارلايدۇ. 
پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.