ئوباما خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئاقساراي باياناتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئوباما خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى، دۇنيا كىلىماتى مەسىلىلىرى ھەققىدە سۆھبەت ئېلىپ بارغاندىن سىرت، خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى، قانۇن -تۈزۈم مەسىلىسى ھەم تىبەت مەسىلىسى قاتارلىقلارنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىكەن.
ئامېرىكا دىنىي ئىشلار ئەركىنلىكى كومىتېتىمۇ دۈشەنبە كۈنى ئوباماغا خەت يېزىپ، ئوبامانىڭ بۇ نۆۋەتلىك خىتاي زىيارىتى مەزگىلىدە، خىتاي دائىرىلىرىگە خىتايدىكى دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى مەسىلىسى ھەم خىتاينىڭ قانۇن - تۈزۈملىرى مەسىلىسى ھەققىدىكى سۆھبەتنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنى تەكىتلەش بىلەن بىللە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئامېرىكا - خىتاي مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ ئوبامادىن زىيارىتى جەريانىدا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان ئىدى.