ئوبامانىڭ نۇتقىدىكى 'كوممۇنىزم' ، 'خىيانەتچىلىك' دېگەن سۆزلەر خىتايدا كېسىۋېتىلگەن

كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى ئوبامانىڭ نۇتقىدىكى ئۆزىگە تاقىلىدىغان سۆزلەرنى كېسىۋەتتى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-01-21
Share

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بېيجىڭدىن بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ قەسەم مۇراسىمى ھەققىدىكى نەق مەيداندىن ئېلىنغان ئۈن - سېن خاتىرىسى تۈنۈگۈن خىتاي تېلېۋىزورلىرىدا كۆچۈرۈپ كۆرسىتىلگەندە ، تەرجىمان ئوبامانىڭ نۇتىقىنى ئۈلگۈرتۈپ تەرجىمە قىلىۋاتقاندا، خىتاينىڭ ئۇچۇر ۋاستىلىرى 'كوممۇنىزم' ، 'خىيانەتچىلىك' دېگەن سۆزلەرنى دەرھال كېسىۋەتكەن.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئوبامانىڭ نۇتقىدىكى 'ئەجدادلار فاشىزم بىلەن كوممۇنىزمغا قارشى تۇرغاندا، قولىدىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا ۋە تانىكىلاردىن باشقا يەنە، ئۆزىنىڭ تەۋرەنمەس ئېتىقادى ۋە ئىتتىپاقداشلىرىغا تايانغان ئىدى' دېگەن جۈملە بىلەن 'خىيانەتچىلىك ۋە ئالدامچىلىققا تايىنىپ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان كىشىلەر، ئەگەر خاتالىقتىن قول ئۈزسە، بىر يەنىلا ياردەم بېرىشىمىز مۇمكىن' دېگەن جۈملە خىتاينىڭ نېرۋىسىغا قاتتىق تېگىپ كەتكەن.

خىتاينىڭ 'تەڭرىتاغ تور بېتى'مۇ ئوبامانىڭ نۇتقىنىڭ تولۇق تېكىستىنى بۇرمىلاپ ئېلان قىلدى.
پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت