'باراك ئوباما ئۇيغۇر ۋە تىبەت مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشى كېرەك'
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2009.11.12
2009.11.12
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى دېرىكتورى سوفىيا رىچېردسون خانىم خوڭكوڭ چەتئەللىك مۇخبىرلار كۇلۇبىدا قىلغان سۆزىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەر قايسى ھۆكۈمەتلەرنىڭ خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە تۇتقان پوزىتسىيىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى: "بىز ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسدا خىتايغا تۇتقان پوزىتسىيىسدىن قاتتىق ئەپسۇسلاندۇق، ئەگەر ئوباما بۇ نۆۋەت تىبەت ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسدا گەپ قىلمىسا، بۇ ئىش تۈگىشىدۇ. ئامېرىكا پرېزىدېنتى باشقا دۆلەتلەردىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى كۆتۈرۈپ چىققان تۇرۇغلۇق، خىتايغا كەلگەندە جىم تۇرۇۋالماسلىقى كېرەك. باشقا دۆلەتلەرگە قانداق قىلغان بولسا، خىتايغىمۇ شۇنداق قىلىش كېرەك."
رېچېردسون خانىم يەنە، " ئامېرىكا، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە دائىر نۇرغۇن مەىسلىلەرنى كۆرمەسكە سېلىپ ئۆتكۈزىۋېتىش ئارقىلىق خىتايغا، 'ئامېرىكا سېنىڭ بۇ ئىشلىرىڭغا دىققەت قىلمايدۇ' دەيدىغان سىگنالنى بېرىپ قويدى،" دېدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى باراك ئوبامانىڭ خىتايدا ئېلىپ بارىدىغان زىيارىتى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ قاتتىق دىققىتىنى تارتماقتا. ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى ئوبامانى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرماقتا.
بۈگۈن تيەنئەنمېن ۋەقەسىدە ئوغلىدىن ئايرىلىپ قالغان تيەنئەنمېن ئانىلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى دىڭ زىلىڭمۇ ئوچۇق خەت ئېلان قىلىپ، ئوبامانى خىتايغا داڭلىق ئۆكتىچى يازغۇچى ليۇ شياۋبونى قويۇۋېتىش ھەققىدە بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.