ئوباما لوندوندا خۇجىنتاۋ بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشتى

ئامېرىكا پرېزىدېنتى بارەك ئوباما بۇ قېتىمقى ياۋرۇپا زىيارىتىدە، ئالدى بىلەن 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىغا قاتنىشىش ئۈچۈن لوندۇنغا باردى.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2009-04-01
Share

ئۇنىڭدىن كېيىن، ئوباما يەنە فرانسىيە، گېرمانىيىلەرنى زىيارەت قىلىدۇ، ناتو دۆلەتلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشىغا قاتنىشىدۇ، ئاخىرىدا تۈركىيىنى زىيارەت قىلىدۇ.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ لوندودىن بايان قىلىشىچە، دۇنيا سەھنىسىگە قەدەم باسقىلى ئاران ئىككى ئاي بولغان بارەك ئوباما، لوندوندا ئېچىلغان 20 چوڭ دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئالى دەرىجىلىك ئۇچرۇشىشدا، ئالدى بىلەن، بۇ ئۇچرىشىش گەرچە ناھايىتى چوڭ بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ دۇنياۋىي ئىقتىسادىي كىرزىسنى دەرھال قۇتقۇزۇشىغا بولغان ئۈمىد ئۇنداق چوڭ بولمايۋاتقان ۋەزىيەتكە دۇچ كەلدى ۋە يېڭى دۇنياۋىي پۇل قوللىنىشنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۇنيانىڭ تەرتىبىدە ئەڭ يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ كېلىۋاتقان ئامېرىكا دوللىرىنىڭ دۇنيادىكى ھۆكۈمرانلىقىنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رىقابەت قىلىۋاتقان خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ گەپدان رەھبەرلىرى بىلەن سۆزلىشىكە توغرا كەلدى.

ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، ئوباما خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشكەدە، ئۇ، خۇجىنتاۋنىڭ خىتاينى زىيارەت قىلىش ھەققىدە قويغان تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى ۋە خۇجىنتاۋ بىلەن ئامېرىكا - خىتاي ئوتتۇرىسىدا پۇل مۇئامىلە سېستىمىسى، شىمالى كورىيە بىلەن ئىراننىڭ يادرو قورال پىلانى مەسىلىسى، سۇداندىكى ئىنسانپەرۋەلىك مەسىلىسى قاتارلىق مەبسلىلەر بويىچە ھەمكارلىقنى يولغا قويۇشقا ۋە كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پۈتۈشتى.


پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت