ئۇيغۇر ئېلىدە «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن كۆچمەنلەر ئىككى يىلىغىچە يەرلىك نوپۇسقا ئۆتەلەيدىكەن

خوتەن ھۆكۈمەت تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى يېقىندا چىقارغان ئاقما نوپۇسنى ئولتۇراق نوپۇسقا ئايلاندۇرۇش تۈزۈمى بويىچە «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەن كۆچمەنلەر ئىككى يىلىغىچە ئۇيغۇر ئېلىدە يەرلىك نوپۇسقا ئۆتەلەيدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2012-08-08
Share

خەۋەرگە قارىغاندا، خوتەن ۋىلايىتى تەۋەسىدىمۇ  مەزكۇر«ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» تارقىتىش خىزمىتىنى جىددىي ئىشلىنىۋاتقان بولۇپ، نۆۋەتتە خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بۇ خىل كىنىشكا تارقىتىش ئورۇنلىرىدىن 154 تى تەسىسى قىلىنغان.

خەۋەردە بۇ ھەقتە بېرىلگەن تەپسىلاتلارغا قارىغاندا، «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشكەنلەرگە 12 تۈرلۈك ئېتىبار بېرىش سىياسىتى بەلگىلىگەن.

بۇلارنىڭ ئىچىدە كۆچمەنلەر «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» غا ئېرىشىپ بىر ئورۇندا ئىككى يىل مۇقىم ياشىغاندىن كېيىن، يەرلىك نوپۇسقا ئۆتۈش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرسە بولىدىغانلىقى ئالاھىدە دىققەتنى چېكىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا  كۆچمەنلەر بىر ئورۇندا بەش يىل ياشىغاندىن كېيىن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرى تەمىنلەيدىغان پاراۋانلىق ئۆيلىرىگە ئىلتىماس قىلسا ۋە مەزكۇر ئورۇندا يەر-مۈلۈك تىجارىتى بىلەن شۇغۇللانسا بولىدىكەن.

خىتاي يەرلىك ھۆكۈمىتى ئۆتكەن ئايدا قارار ماقۇللاپ، كەلگۈسى بىر نەچچە يىل ئىچىدە 6 مىليون كۆچمەنگە ئۇيغۇر ئېلىدە «ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى» تارقىتىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ بارلىق يەرلىكلەر بەھرىمەن بولغان ئىمتىيازلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن مىسلىسىز ئېغىر تەھدىتلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت