يېڭىساردا ئايالىنىڭ يۈزى ئورالغان بىر كادىرغا بېرىلگەن جازا 500 يۈەن جەرىمانە بىلەن تۈگىمىدى

قەشقەرنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە خىتاينىڭ بىر دۆلەت ئورگىنىدا خىزمەت قىلىۋاتقان ئابدۇخېلىل ئابلىمىت، ئايالىنىڭ يۈزى ئورالغان بولغاچقا ئارقا-ئارقىدىن بىر قاتار پالاكەتچىلىككە يولۇققان.
مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2012-11-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

ئۇ 9 ‏-ئاينىڭ 16 ‏-كۈنى ئايالى بىلەن بىرلىكتە يېڭىشەھەردىن يېڭىسارغا ئاتا-ئانىسىنى يوقلىغىلى كېتىۋاتقاندا، ساقچىلار ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ سوراق قىلغان ۋە ئابدۇخېلىلنىڭ ئايالىنىڭ يۈزى ئورالغان بولغاچقا ئۇنىڭغا 500 يۈەن جەرىمانە قويغان. ئابدۇخېلىل ئابلىمىت ساقچىلاردىن بۇ جازاغا ئائىت قانۇندىن بەلگىلىمە كۆرسىتىشنى تەلەپ قىلغاندا، ساقچىلار ئۇنى ۋەزىپە ئىجرا قىلىشىمىزغا توسقۇنلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلەپ ساقچىخانىغا ئاپىرىپ بىرقانچە سائەت قاماپ قويغان.

ئابدۇخېلىل شۇكۈنى 500 يۈەن جەرىمانىنى تۆلەپ قۇتۇلغان بولسىمۇ، ئاۋارىچىلىك بۇنىڭ بىلەن تۈگىمىگەن. ئۇ يېڭىشەرگە قايتىپ بارغاندا ئالدى بىلەن ئىدارىسى تەرىپىدىن سوراققا تارتىلغان، ئارقىدىن خىتاي ساقچىلىرى ئۇنىڭ ئۆيىنى ئاختۇرۇپ، ئۆيىدىن بىر قاتار دىنىي كىتابلارنى تاپقان؛ بۇ كىتابلار گەرچە جەمئىيەتتە ئاشكارا تارقىتىلىۋاتقان ئىسلام دىنىغا ئائىت ساۋات خاراكتېرلىك كىتابلار بولسىمۇ، ئابدۇخېلىل ئابلىمىت ئاتالمىش قانۇنسىز دىنىي ماتېرىياللارنى ساقلاش قىلمىشى بىلەن ئەيىبلىنىپ، يېڭىشەھەر ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇيغۇربىز تورىدا بۈگۈن بۇ ھەقتە بېرىلگەن بىر ئۇچۇردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئابدۇخېلىل ئابلىمىت يېقىندا يېڭىشەھەردىن يېڭىساردىكى بىر قاماقخانىغا يۆتكەلگەن. نۆۋەتتە ئابدۇخېلىل ئابلىمىتنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى ئۇنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىدىن ئۇچۇر ئېلىشتىن قىينالغاندىن باشقا، ئۇنىڭ تەقدىرى ئۈستىدىمۇ جىددىي ئەندىشە قىلماقتا.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت