ئوشتىكى ئېتنىك توقۇنۇش ئېغىرلاشماقتا

رويترس ئاگېنتلىقىنىڭ ئوشتىن بايان قىلىشىچە، قىرغىزىستاننىڭ بىخەتەرلىك قىسىملىرى، قوراللىق ساقچىلىرى ۋە ئىقتىسادىي ساقچىلىرى بۈگۈن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىپ، ئوشتىكى ئۆزبېك قوشنىلىرىنىڭ ئۆيلىرىگە ھۇجۇم قىلغان. ئۆزبېكلەرنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆزبېكلەرنىڭ مۈلكى بۇلاڭ - تالاڭ قىلىنغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﯞﻩﻟﻰ
2010-06-23
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بۇ يىل 4 ‏- ئايدا قىرغىزىستان پرېزىدېنتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدا ئېتنىك توقۇنۇش يۈز بەرگەن ئىدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، قىرغىزىستان ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى ۋەقەنى تىنجىتىش ئۈچۈن تىرىشىۋاتىدۇ ۋە قىرغىزىستان ھۆكۈمىتىنى پۈتۈن خەلق ئاۋاز قويۇپ مۇقىملاش ئۈچۈن تەييارلىق كۆرۈۋاتىدۇ. ئەمما، ھازىر قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئۆزبېك ئاھالىلىرى قىرغىنچىلىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئۆزبېكىستان چېگرىسىغا كېلىپ، ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم تەلەپ قىلىۋاتقان ئادەم سانى 400 مىڭغا يەتتى.



پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت