ب د ت باش كاتىپى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئارىسىدىكى سۇ مەسىلىسىنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىردى

ئوتتۇرا ئاسىيانى زىيارەت قىلىۋاتقان ب د ت باش كاتىپى بانكىمون، بۈگۈن تاجىكسىتان بىلەن ئۆزبىكىستان ئارىسىدا جىددىيلىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان سۇ تالاش - تارتىشىنى سالماقلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشقا چاقىرغان.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺷﻮﻫﺮﻩﺕ ﻫﻮﺷﯘﺭ
2010-04-06
Share

ئۇ، سۇ مەنبەلىرى قوشنا دۆلەتلەر ئارىسىدا ئادىل ۋە چىرايلىقچە تەقسىم قىلىنىشى، تەرەپلەر، ئەندىشىلىرى سەۋەبلىك ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ھەرىكەت قىلماسلىقى كېرەك دېگەن. ئۇ يەنە سۇ تالاش - تارتىشىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىش ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ ھەم دۇنيا رەھبەرلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

تاجىكىستاندىكى نۇرەك ھىدرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ Rogun توسما پىلانى، ئۆزبېكىستاننى ئەندىشىگە سالغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ ئەتراپتىكى ئۆزبېكىستان تېرىقچىلىق مەيدانلىرىنىڭسۇ مەنبەسىنى قىسىۋېتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. بۇنىڭ بىلەن ئىككى تەرەپ ئارىسىدا دىپلوماتىك مۇناسىۋەتلەردە سۈركىلىش بولۇپ، ئۆزبېكىستان تاجىكىستانغا گاز ئېكىسپورت قىلىشنى بىر مەھەل توختىتىپ قويغان ئىدى.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت