تاجىكىستان ئۆزبېكىستان جاسۇسىنى 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى

تاجىكىستان ئالىي سوتى تاجىكىستان پۇقراسىنى ئۆزبېكىستان ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلغانلىق سەۋەبى بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2010.01.10

فەرغانە ئاگېنتلىقىنىڭ گېرمانىيە دولقۇنلىرىدىن نەقىل ئېلىشىچە، تاجىكىستاننىڭ خاتلان ئوبلاستلىق سوت مەھكىمىسى بايمۇرات ئاناروۋ ئىسىملىك تاجىكىستان پۇقراسىنى "ۋەتەندىن يۈز ئۆرۈگەن"، "دۆلەت چېگرىسىدىن قانۇنسىز ئۆتكەن" دېگەندەك جىنايەتلەر بىلەن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. بۇ كىشى 2009-يىلى قولغا ئېلىنغان بولۇپ، يېنىدىن ئۆزبېك پۇلى ۋە تاجىكىستاننىڭ بايپازىن ۋە سانگتۇدىن سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىغا ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەر تېپىلغان. تاجىكىستان تەرەپ بۇ دېلونى ئۆزبېكىستان ئۈچۈن جاسۇسلۇق قىلىش دەپ ھېسابلىغان.

ئۆزبېكىستان بىلەن تاجىكىستاننىڭ مۇناسىۋەتلىرى ئۇلار مۇستەقىللىققە ئېرىشكەندىن كېيىن ئۈزلۈكسىز تۈردە جىددىي ھالەتتە بولۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىرىنى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان ئادەملەرنى يوشۇرغانلىق بىلەن ئەيىبلىگەن ھەمدە ئۆزبېكىستاننىڭ چېگرىغا مىنا كۆمۈپ قويۇشى تۈپەيلىدىن كۆپ ساندا تاجىكىستانلىق پارتلاپ ئۆلگەن ۋە ئۆزبەك چېگرا قوغدىغۇچىلىرى تاجىكىستان تەرەپكە ئوق چىقىرىش ۋەقەلىرى كۆرۈلگەن ئىدى.

يەنە بەزى ئىنكاسلاردا كۆرسىتىلىشىچە، تاجىكىستان بەزى دەريالارنىڭ سۈيىنى توسۇپ سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى قۇرۇلۇشى باشلىغان بولۇپ، ئۆزبېكىستان بۇ ئەھۋالنى ئۆزبېكىستاننىڭ دېھقانچىلىق ئىشلىرىغا بۇزغۇنچىلىق پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغان ئىكەن. مۇتەخەسسىسلەر ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى بۇ خىل كېلىشەلمەسلىكلەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي ۋە باشقا جەھەتلەردىن يېقىن ھەمكارلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ پايدىلىق ئورتاقلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشىغا مەنپىي تەسىر پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.