ئۆزبېك مۇساپىرلار قىرغىزىستانغا قايتىشقا باشلىدى

ئوشتا يۈز بەرگەن ئۆزبېك - قىرغىز توقۇنۇشىدا ئۆزبېكىستانغا قېچىپ كەتكەن مۇساپىرلار يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان. قىرغىز چېگرا دائىرىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چارشەنبە كۈنىنىڭ ئۆزىدىلا 26 مىڭ كىشى قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە جەمى 70 مىڭ ئەتراپىدا ئۆزبېك يۇرتىغا قايتقان.
مۇخبىرىمىز ﺋﯩﺮﺍﺩﻩ
2010-06-24
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قىرغىز چېگرا ساقچىلىرى ۋەقە جەريانىدا 75 مىڭ ئەتراپىدا كىشىنىڭ ئۆزبېكىستانغا مۇساپىر بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ياردەم تەشكىلاتلىرى بۇ ساننىڭ 100 مىڭدىن ئاشىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

بۈگۈن، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى قىرغىزىستانغا 48 مىليون دوللار ياردەم پۇلى بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئامېرىكا بۇ مەبلەغنىڭ قىرغىزىستاندىكى ئېتنىك توقۇنۇشلاردا قىرغىزىستان ئىچى ۋە سىرتىدا مۇساپىر بولغان 400 مىڭ كىشىنىڭ ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. بۇ پۇل ئىنسانىي ياردەم، قايتا قۇرۇلۇش ۋە جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ساھەلەرگە ئىشلىتىلىدىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت