ئۆزبېكىستان قىرغىزىستانغا گاز تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغان

قىرغىزىستان خەلقى ئىشلىتىدىغان تەبىئىي گازنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىمى ئۆزبېكىستان ئارقىلىق تەمىنلىنىدۇ. ھەر يىلى قەرز سۈيلەش مۇناسىۋىتى بىلەن گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىش ئارقىلىق قىرغىزىستانغا بېسىم كۆرسىتىش دائىم تەكرارلىنىپ تۇرماقتا.
ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﯜﻣﯩﺪﯞﺍﺭ
2009-10-04
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، يېقىندا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى قىرغىزىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئوش ۋىلايىتىنى گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغان ھەمدە قىرغىزىستاننىڭ شىمالىدىكى جايلارغا يەتكۈزۈلىدىغان گازلارنى 30% قىسقارتقان. بۇنىڭدىكى سەۋەب قىرغىزىستاننىڭ ئۆزبېكىستانغا تۆلەشكە تېگىشلىك بولغان 19 مىليون دوللار گاز قەرزىنى تۆلىمىگەنلىكىدىن ئىبارەت ئىكەن.

ئۆزبېكىستان قوشنا ئوش ۋىلايىتىگە گاز بىلەن تەمىنلەشنى توختىتىپ قويغاندىن كېيىن، ئاھالىلارنىڭ تۇرمۇشىغا ۋە ئاشخانا تىجارەتچىلىرىنىڭ سودىلىرىغا ئېغىر قىيىنچىلىقلار پەيدا بولغان. تاشكەنت تەرەپ، ئەگەر قەرزى تۆلەنمىسە، گاز بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئوش ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ تۆلىمىگەن گاز پۇلىنى يىغىش ھەرىكىتى باشلىغان بولۇپ، تېز ئارىدا ئۆزبېكىستان تەرەپنىڭ قەرزلىرىنى تۆلىۋېتىشكە تىرىشماقتا ئىكەن.

ئۆزبېكىستان گاز باھاسىنى ئۆستۈرگەن بولۇپ، ئۆتكەن يىلى ھەر مىڭ كۇبمېتىر گازنى 145 دوللارغا ساتقان بولسا، بۇ يىل 240 دوللارغا چىقارغان. بىشكەك دائىرىلىرى بولسا تاشكەنتتىن بۇ باھانى چۈشۈرۈش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.

نۆۋەتتە، ئۆزبېكىستاننىڭ زور مىقداردا تەبىئىي گازلىرىنى رۇسىيىگە سېتىۋاتقانلىقى مەلۇم. ئۆزبېكىستان يەنە خىتاي بىلەنمۇ كېلىشىم تۈزگەن. ئەگەر بۇ ئەھۋال داۋاملاشسا، قىرغىزىستاننىڭ يۇقىرى باھادا گاز سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىدىغانلىقى مەلۇم ئىكەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت