ئۆزبېك پرېزىدېنتىنىڭ قىزى بېيجىڭدا كىيىم لايىھىلىرىنى كۆرسەتتى

30-ئۆكتەبىر كۈنى ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموفنىڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ كىيىم لايىھىلىرى مودېللار ئارقىلىق كۆرگەزمە قىلىنغان. بۇ كۆرگەزمىدە گۈلنارە كەرىموۋا لايىھىلىگەن ئاياللار ۋە ئەرلەر كىيىملىرى ئۆزبېكىستان كىيىم مودېللىرى ئارقىلىق كۆرسىتىلگەن.
مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋار
2012.11.04

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ قىزىنىڭ مەزكۇر كىيىم لايىھىلىرى ئىلگىرى ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈش پلان قىلىنغاندا خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتتىق نارازىلىق تۈپەيلىدىن ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىلگەن ئىدى.

پەرغانە ئۇچۇر تورىنىڭ نەقىل كەلتۈرۈشىچە، خىتاي گۈلنارەنىڭ كىيىم لايىھىلىرىنى نامايىش قىلىشىغا شارائىتى يارىتىپ بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي مەتبۇئاتلىرى گۈلنارەنىڭ ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتىنىڭ قىزى ئىكەنلىكىنى گەۋدىلەندۈرمىگەن، پەقەت ئۇنى «ئۆزبېكىستان كىيىم لايىھىلىگۈچىسى گۈلنارە كەرىموۋا» دەپ ئاتىغان.

گۈلنارە كەرىموۋا ئىلگىرى ئامېرىكىدا ئافغانىستانلىق ئۆزبېك سودىگەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇپ ياشىغان ۋە قانۇنسىزلىق قىلغانلىقى ئۈچۈن كېيىن ئامېرىكا تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان ئىدى. شۇڭا ئۇ ئامېرىكىغا كىرەلمەيدىكەن.

ئىسلام كەرىموفنىڭ چوڭ قىزى گۈلنارە كەرىموۋانىڭ ئۆزبېكىستاندا زور ئىمتىيازلارغا ئىگە ئىكەنلىكى ھەققىدە خەلق ئىچىدە ۋە چئەتەللەردىكى ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرى ئارىسىدا تۈرلۈك نارازىلىقلار مەۋجۇت.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.