6 تىبەتلىك خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويدى

سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى 6 نەپەر تىبەتلىك خىتاينىڭ تىبەت سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئۆزىگە ئوت قويغان. ھازىرغىچە بۇ كىشىلەرنىڭ ئىچىدە ئىككىسىنىڭ ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقى خەۋەر قىلىنماقتا.
مۇخبىرىمىز ئىرادە
2012-11-08
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

خىتايدىكى تىبەتلەر ياشايدىغان رايونلاردا ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىش ۋەقەلىرى 2011-يىلى مارتتىن باشلاپ، داۋاملىق دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 6 كىشىنىڭ ئوخشاش كۈندە ئۆزىگە ئوت قويۇۋېلىشى تېخى تۇنجى قېتىم يۈز بەرگەن بىر ۋەقە. سۈرگۈندىكى تىبەت ھۆكۈمىتى ئۆزىگە ئوت قويغان بۇ كىشىلەرنىڭ مەقسىتىنىڭ دۇنيا جامائەتچىلىكى، خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي پۇقرالىرىدىن، بىر ئىنسان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ يىغا-زارىغا قۇلاق سېلىشنى تەلەپ قىلىش ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھازىرغىچە ئۆزىگە ئوت قويۇۋالغان تىبەتلەرنىڭ سانى 69 نەپەرگە يەتكەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە 54 نەپىرى ئۆلگەن. ئامېرىكا قاتارلىق دېموكراتىك ئەللەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى تىبەتلەرنىڭ ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋېلىشىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قاراپ ئۇلارنى تىبەت سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىۋاتقان بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرى بۇنى قەتئىي رەت قىلىپ، خىتايدىكى تىبەتلەرنىڭ بەختىيار ياشاۋاتقانلىقى، ئۆزىنى كۆيدۈرۈۋالغانلارنىڭ «دالاي گۇرۇھى» دىكى ئادەملەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ كەلمەكتە.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت